63يَسأَلُكَ النّاسُ عَنِ السّاعَةِ ۖ قُل إِنَّما عِلمُها عِندَ اللَّهِ ۚ وَما يُدريكَ لَعَلَّ السّاعَةَ تَكونُ قَريبًا كىشىلەر سەندىن قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى سورايدۇ. «ئۇنى (مەن بىلمەيمەن) پەقەت اﷲ بىلىدۇ» دېگىن. سەن نېمە بىلىسەن، قىيامەت يېقىن بولۇشى مۇمكىن